خىتاي قاتىل گۇماندارىنىڭ بۇتخانىغا راھىب ۋە سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولۇۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.31

خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 2000‏-يىلى خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە 3 كىشىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن بىر قاتىللىق دېلوسىغا چېتىلغان گۇماندار جاڭ لىۋېينىڭ 16 يىلدىن بېرى ئەنخۇيدىكى بىر بۇتخانىدا يوشۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن خېيلوڭجياڭنىڭ 1000 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئەنخۇينىڭ فېڭياڭ ناھىيەسىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ ئۇ يەردىكى لۇڭشياڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن. ئۇ بۇ بۇتخانىدا دەسلەپتە ئاشپەز، ئارقىدىن راھىب، ھەتتا فېڭياڭ ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ھىندىستان ئېكسپىرس گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، جاڭ لىۋېي پاسپورتقا رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغان ۋە بارماق ئىزى ئېلىنغان چاغدا، ئۇنىڭ 16 يىل ئاۋۋالقى قاتىل گۇماندارى ئىكەنلىكى پاش بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.