خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قازاقىستاندا يەنە «ئۈچ خىل كۈچلەر» تەھدىتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى
2024.04.26
قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن 25-ئاپرېل پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن كۆرۈشكەندە، رايوندا «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دوڭ جۈن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 24-ئاپرېل كۈنى قازاقىستانغا كەلگەن. ئۇ، 25-ئاپرېل پىرېزىدېنت قاسىم جۇمارت توقايېف بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ «مۇرەككەپ ۋەزىيەت» كە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، رايوندا «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ھەرىكىتى «تېخىمۇ پائال ھالەتكە كەلگەنلىكى» نى ئېيتقان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» دېگىنى تېررورلۇق، رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، خىتاي ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.
خەۋەرلەردە، دوڭ جۈن بىلەن توقايېفنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش» نى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. دوڭ جۈن ئاستانادا بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە داۋاملىق قارشى تۇرۇشنى، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوڭ جۈن «خىتاي ئارمىيەسى قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىشنى، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەن. قازاق ئۇچۇرلىرى ئاگېنتلىقى Kazinform نىڭ خەۋىرىدە، دوڭ جۈن بىلەن قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاقسىلىقوفنىڭ «ئەمەلىيەتچان ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رايون بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى» ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەردە، جاقسىلىقوفنىڭ «ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭدەك خادىملارنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.