خىتاي 12-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە «شىنجاڭنىڭ تارىخىي ۋە كەلگۈسى»ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.10

خىتاي 12-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى»ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ئارخېئولوگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى نەتىجىلەرنى خەلقئارا بىلەن ئورتاقلاشماقچى ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، رايوننىڭ ئارخېئولوگىيە، تارىخ قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن كونكرېت قايسى نەتىجىلەرنى خەلقئارا بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقى، بۇ يىغىنغا خەلقئارادىن قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، يىغىنغا خىتايدىن سىرت، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە، مىسىر، رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىرەر يۈزدەك مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ 2016-يىلدىن كېيىن، غەرب ئەللىرىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئۇيغۇرشۇناسلارغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە ياكى ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىدە بولۇشىنى چەكلىگەن ئىدى. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قارمىقىدىكى «جۇڭخۇا يولى» ناملىق قانالنىڭ بەرگەن بۇ ھەقتىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر 12-ئىيۇن قەشقەردە يىغىلىپ، تارىخ، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە «شىنجاڭنىڭ كۆپ مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، كۆپ خىل دىنلار بىرگە ئىناق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان» بىر رايون ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا شەرھلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىل ۋە  مەدەنىيەت ھاياتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى رەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى تۈپ سىياسىتى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل-ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە فولكلور تەتقىقاتچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.