خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول لىنىيەسى پىلان قىلىنغان
2017.12.30
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈريول لىنىيەسىنى ياساش پىلان قىلىنغان.
«ئېزەر خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 تەرەپ ھەيئەتلىرى 27-دېكابىر ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.
خەۋەردە قىرغىزىستاننىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانىيار سىدىقوفىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پويىز لىنىيىسى بېسىپ ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ تەپسىلاتى كېلەر يىلى ئاپرېلغىچە تەييارلىنىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەت جەريانىدا يەنە مەزكۇر لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ھەققىدىكى ھاسىلاتلارنى 2018-يىلى ئاۋغۇستقىچە تەييارلاش، قۇرۇلۇشنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇرىغا قويۇشقا كېلىشكەن.
خەۋەردە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 450 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىرغىچە بولغان مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان ئىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە قىرغىزىستان خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودىدا خىتايدىن كۆپلەپ مال ئىمپورت قىلغان بولسىمۇ، خىتايغا مال ئېكسپورت قىلىشقا قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئىلگىرى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ يەنە بىر يۆلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ نۆۋەت پىلان قىلىنغان بۇ تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ بىر پارچىسى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە نامەلۇم.