خىتاي دائىرىلىرى قىزىلسۇ چېگرا رايونىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.01

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 2024-يىل 1-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى «چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنى قاتتىق باشقۇرۇش» تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى قىياقچات چېگرا ساقچىخانىسى بۇ جايدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشقا باشلىغان. ساقچىلار بۇ چېگرا رايوندىكى كۆچمە ئاھالىنى، ئۇلارغا ئۆي ئىجارە بەرگەنلەرنى تەكشۈرۈپ، كۆچمەنلەرنىڭ قاچان بۇ جايغا كەلگەنلىكى، كىرىش سەۋەبى، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزغان؛ ئىجارىدە ئولتۇرۇۋاتقان ياكى زاۋۇتلارنىڭ ياتاقلىرىغا ئورۇنلاشقان كۆچمە نوپۇسلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئېنىقلىغان؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر، بىكارتەلەپلەر، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغانلار» نى ئۆيمۇ ئۆي تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

 «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۆتكەن يىل 6-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدە، مەزكۇر چېگرا رايوندا ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، شۇڭا يەرلىك ساقچىخانىنىڭ كېچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەردە گەرچە، بۇ جايغا سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنىڭ خىتاي ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قىرغىزىستانغا چىقىشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلار ياكى بۇ جايغا ئىش ئىزدەپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرى «چېگرانى قوغداش» باھانىسى بىلەن، بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت ۋە تەقىب ئاستىغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.