خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا 10 ئۇيغۇر، 26 خىتاي ۋەكىل قاتنىشىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.29

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىققان.

يىغىندا جەمئىي 43 نەپەر ۋەكىل سايلانغان بولۇپ، ئەركىن ئىمىر باقى، ئەركىن تۇنياز، شاۋكەت ئىمىن قاتارلىق 10 نەپەر ئۇيغۇر بۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن. ما شىڭرۈي قاتارلىق خىتاي ۋەكىللىرى 26 نەپەرگە يەتكەن، قازاق، تاجىك، موڭغۇل، شېۋە، خۇيزۇ(تۇڭگان) 7 نەپەر بولغان.

خەۋەردە «بۇ ۋەكىللەر پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، قائىدە-نىزامغا ۋە مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى» دېيىلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

يۇقىرىقى 43 ۋەكىل ئىچىدىكى 26 خىتاي بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغانلىقى ئوچۇق ئايان بولغان. BBC خىتايچە تورىدا 2018-يىل ئېلان قىلىنغان «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى: شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» ناملىق ئوبزۇردا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بارلىق ھوقۇقنى ئاللىبۇرۇن خىتاي سېكرىتارلىرىنىڭ قولىغا تولۇق مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر ئاساسەن مىللەتچى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» سىياسىتىنى تامامەن چۆرۈۋەتكەن بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم «مىللىي كادىرلار» نى ۋەكىل قىلىپ قالدۇرۇپ قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.