خىتاينىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكىسىغا ئوت كەتكەن
2024.08.19
خىتاينىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىپ، شاڭخەي ئەتراپىدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىشىغا ئىشلىتىۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «مىنسك» ناملىق كونا ئاۋىياماتكىسىغا 16-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەن. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى س ن ن نىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «مىنسك» ناملىق بۇ ئاۋىياماتكا يېقىنقى 8 يىلدىن بېرى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نەنتوڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىدا لەڭگەر تاشلاپ توختىتىپ قويۇلغانىكەن. خەۋەرلەردە، بۇ ئاۋىياماتكىنىڭ ھەربىي باغچىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئوت كەتكەنلىكى، ئوتنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇتۇشۇپ، 24 سائەتتىن كېيىن ئاران ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «مىنسك» ناملىق بۇ ئاۋىياماتكا خىتاينىڭ رۇسىيە ياكى ئۇكرائىنادىن سېتىۋالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككىنچى ئاۋىياماتكىسى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان «ۋارياگ» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى «لەيلىمە قىمارخانا» قىلىش نامىدا سېتىۋېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل بوغۇزى ئارقىلىق خىتايغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەربىي ئاۋىياماتكا قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىغا ئۆزگەرتكەنىدى. يەرلىك دائىرىلەر ئوت ئاپىتىدە «ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ بولمىغانلىقى، نۆۋەتتە ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.
س ن ن نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئوت ئاپىتىنىڭ بۇ ئاۋىياماتكىنى ھەربىي باغچىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىغا سوئال پەيدا قىلغانلىقى، بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ «ئوت ئاپىتى بۇ تۈرنىڭ ئىستىقبالىغا بەك كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتىكەن. «مىنسك» ناملىق ئاۋىياماتكا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئاۋىياماتكىسىنىڭ بىرى بولۇپ، 1970-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغانلىقى مەلۇم. س ن ن نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىغا سەپلەپ بېرىلگەن بۇ ئاۋىياماتكىنى، 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە ئۆتكۈزۈۋېلىپ 1993-يىلى ساتقانىكەن.