ئولاف شۇلز شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ رۇسىيەگە تەمىنلىگەن ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى توغرىلىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.11.19
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى بىر زاۋۇتنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇ (dron) ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئائىت «ئېنىق دەلىل» لەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قورال-ياراغ شىركىتى ئالماز ئانتېي (Almaz Antey) قاتارلىق مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ شېنجېننى بازا قىلغان رېدلېپۇس (Redlepus) ناملىق خىتاي شىركىتى بىلەن «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى» دا بىرلەشمە تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې-ژانېيرو شەھىرىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بىلەن گېرمانىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك» ۋە «ئۇزۇن مۇددەتلىك» مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلز ئالدىنقى قېتىم، يەنى بۇ يىل 4-ئايدا شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرىنى قوللىنىپ، رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۈندىشىنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىكىلەرنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، شۇلز بىلەن شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلار، خىتاي-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە يەر شارىدا ئادىل سودا ئېلىپ بېرىشنىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەۋەرلەردە، 27 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشى زور دەرىجىدە ئارتىشىغا قارىتا جىددىي خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.