خىتاي ساقچى تەرەپ 8-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇن خوتەندە «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى» غا چېتىشلىق 3 نەپەر گۇماندارنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەڭرىتاغ تورى بىلەن خەلق تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى قىسقا خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «2017-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، خوتەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى 2015-يىلى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹22-ئاپرېل ۋەقەسى› نى سادىر قىلغان تېررورلۇق شايكىسىدىن ئۈچ نەپىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ساقچىلار قاچقۇننى قوغلاپ تۇتۇۋاتقاندا، ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان. ساقچىلاردىن قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار بولمىغان».
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئالغان 2015-يىلىدىكى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «22-ئاپرېل ۋەقەسى» ھازىرغىچە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولمىغان بىر ۋەقە بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.
خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ 8-ئاپرېل كۈنى خوتەندە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 3 نەپەر گۇماندارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن 2015-يىلىدا گۇمىدا يۈز بەرگەن ئاتالمىش «22-ئاپرېل ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىكى خەلقئارادىكى جامائەتچىلىكنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئالدى بىلەن گۇماندارلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ۋەقە ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ئۇسۇلىنىڭ بىر مىسالىدۇر، دەپ قارىماقتا.