بىر ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن خىتاي ساقچىغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن

2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى شاپتۇل بازىرىدا بىر ئۇيغۇر دېھقاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن خىتاي ساقچىغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

پەيزىۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەھكىمە مەزكۇر خىتاي ساقچىنى قەستەن نابۇت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىشى ياخشى بولغاچقا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەچكە ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلگەن.

مەزكۇر ۋەقە 2016‏-يىلى 5‏-ئاينىڭ 28‏-كۈنى شاپتۇل بازىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى ئوبۇلقاسىم مامۇت 3 چاقلىق موتسىكلىتىنى ھەيدەپ تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇنىڭ موتسىكلىتىنىڭ ئارقىسىدىكى پولات چىۋىق تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋادىكىگە ئىلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن قاتتىق تېرىككەن تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى، پەيزىۋات ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن شىڭتوڭ ئوبۇلقاسىم مامۇتنى توختىتىپ قاتتىق ئۇرغان. ئوبۇلقاسىم مامۇت تاياق زەربىسىدە شۇ زامات ئۆلگەن.

ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى جىن شىڭتوڭنى ۋەقەدىن 6 ئاي كېيىن قولغا ئالغان. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىن شىڭتوڭنى نېمە ئۈچۈن 6 ئايدىن كېيىن قولغا ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر خىتاي ساقچىنىڭ قەستەن ئادەم نابۇت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ناھەق ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋەقەلەرگە سىياسىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ نۇرغۇن ۋەقەلەرنى يوشۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە تېخىمۇ زور ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خالىغانچە ئوق چىقىرىشى ياكى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ دادىل قوللىنىشىغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن. بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن قانلىق پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.