خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ساقچى پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.07

پۇقراۋىي تەشكىلاتلاردىن بولغان «مۇھاپىزەتچىلەرنى قوغداش» تەشكىلاتى ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، 2022-يىلى سېنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى 110 ساقچى پونكىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رولى شەرھىيلەنگەن دوكلاتنى ئېلان قىلغان ئىدى. 7-نويابىرغا قەدەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە، ئېرلاندىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە 7-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ساقچى پونكىتلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە «بىرلىكسەپ بۆلۈم»لىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىقىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چەت ئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان پائالىيەتلەرنى ئۇجۇقتۇرۇش، شۇنىڭدەك چەت ئەللەردىكى خىتاي پۇقراسى بولغان كىشىلەرنى قانۇنسىز يوسۇندا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچىلەرنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھەركەتكە ئۆتكەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا قۇرۇلغان بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئەمما بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.