خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە 100 دىن ئارتۇق ساقچى پونكىتى قۇرۇپ نازارەتچىلىك ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.05

خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 100 دىن ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىشى، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى، يەنى CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن ئ‍ۆز ئارا بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىدىن پايدىلانغان. ئىتالىيەدىكى «ھىمايىچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بۇ يىل 9-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، 54 خىتاي ساقچى پونكىتىىنىڭ چەت ئەللەردە پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.

ھالبۇكى، CNN نىڭ 4-دېكابىر كۆرسىتىشىچە، بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ يەنە قوشۇمچە 48 ساقچى پونكىتىنىڭ چەت ئەل دۆلەتلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. «ھىمايىچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ يېڭى دوكلاتى، خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ كۆلىمى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىتالىيە، كرودىيە، سېربىيە، رومانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئورتاق ساقچى كېلىشىملىرىنىڭ ئويناۋاتقان رولىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان ئىكەن. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، «ھىمايىچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 53 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىدىغان پەرىقلىق تۆت ساقچى دائىرىسىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ساقچى پونكىتلىرى خىتايدىن كەلگەن مۇھاجىرلارغا ياردەم بېرىش نامىدا پائالىيەت قىلىدىكەن.

دوكلاتتا، ئىتالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇ خىل ساقچى كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىتالىيە ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە رىم، مىلان قاتارلىق جايلاردا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى، كېيىنرەك بۇنىڭغا ناپلېس شەھىرىنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ھىمايىچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت دېرىكتورى لاۋرا خارت CNN دە «بۇ مۇز تاغنىڭ سۇ يۈزىدە كۆرۈنگەن پەقەتلا كىچىك بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر قايسى ئەللەر ئۆز دۆلەتلىرىدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى خىتايدىن كەلگەنلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش مەسىلە دەپ ئويلىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.