خىتاي ساياھەتچى قەپەستىكى بىر قارا ئېيىقنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن
2017.12.30
بىرمىغا ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ قەپەستىكى بىر قارا ئېيىقنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن سىن كۆرۈنۈشى تورغا چاپلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئېيىق ئاسىيا قارا ئېيىقى بولۇپ، نۆۋەتتە يوقىلىپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئېيىق ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە بىرمىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋە ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن. قارا ئېيىقنى ئاتقان ئۇ خىتاي كىشى خىتاي ئاخباراتلىرىغا ئېيىقنىڭ ئەسلىدە ئېتىلىش ئالىدا تۇرغان بىر ئېيىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى ئېتىش رۇخسىتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالغانلىقىنى ۋە بۇ ئېيىقىنى بىر قىزىقىش نۇقتىسىدىنلا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ساياھەتچىنىڭ ئېيىقنى ئېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى 27-دېكابىر خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چاپلانغان ۋە قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىم شۇ ساياھەتچىلەر گۇرۇپپىسىدىكى بىرەيلەن تەرىپىدىن تارتىلغان. ئۇلار تارتقان يەنە بىر كۆرۈنۈشتە ئۆلتۈرۈلگەن ئېيىقنىڭ سويۇلغانلىقى، ئىچكى ئەزالىرى پارچىلانغانلىقى، 4 دانە ئېيىق تاپىنىڭ كېسىلىپ بىر يەرگە دۆۋىلىنىپ قويۇلغانلىقى خاتىرىلىگەن.
خەۋەردە ئاسىيا ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىدىكى دوكتور جىل روبىنسوننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، قارا ئېيىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە تاپانلىرى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ئەللىرىدە قانۇنسىز سېتىلىدىكەن.
ئۇ، مەزكۇر فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا بۇ قارا ئېيىقنىڭمۇ قاراڭغۇ بازاردا سېتىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.