ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ 7 چوڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن

ئامېرىكا CNBC تورىنىڭ 8-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، خىتاينىڭ 7 چوڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. بۇلار تيەنجىن فېيتېڭ ئۇچۇ تېخنىكىسى شىركىتى، شاڭخەي يۇقىرى ئىقتىدارلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەلەش مەركىزى، شېنۋېي مىكرو ئېلېكترون شىركىتى، دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى جىنەن شۆبىسى، دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى شېنجېن شۆبىسى، دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى ۋۇشى شۆبىسى ۋە دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى جېڭجۇ شۆبىسى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ 7 شىركەتنى خىتاي ھەربىي تەرەپكە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر ياساپ بەرگەنلىكى، خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا سودا مىنسىتىرى گىنا رايموند مۇنداق دېگەن: «ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كومپيۇتېرلار زامانىۋى قوراللار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئاتوم قوراللىرى ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭغا تايىنىدۇ. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا، مۇقىملىقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.»

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنى جازالاش قارارى خىتاينى تېخنىكا جەھەتتىن ئارقىدا قالدۇرىدىكەن ۋە ئۇنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە جاھانگىرلىك قارا نىيىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرەلەيدىكەن.