ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قولى بولغان خىتاي تېخنىكا شىركىتى Hikvision نىڭ پاي چېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن
2022.05.06
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قولى بولغان خىتاي نازارەت تېخنىكىسى شىركىتىHikvision نى جازالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن. مەزكىزى خىتاينىڭ خاڭجوۋ شەھرىدىكى بۇ شىركەت 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ رايوندا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن.
ئۇ خىتاينىڭ لاگېر، تۈرمە، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرى، مەكتەپ، مەسچىد، مەھەللە ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا يۈز تونۇش كامېراسى ئورنىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىن زور پايدىغا ئېرىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2021-يىلى بۇ شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى 4-ماي كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ شىركەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ «دۆلەتلىك ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى 5-ماي كۈنى 10 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بىراق «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ شېنجىن ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى 6-ماي كۈنى داۋاملىق چۈشكەن. خەۋەردە ئۇنىڭ پاي چېكىنىڭ جۈمە كۈنى 9 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-ماي كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ھوقۇقنى سۈيىئىستىمال قىلىشىغا ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى نامۇۋاپىق باستۇرۇشىغا قاتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. لېكىن «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى Hikvision توغرىسىدا ئۆزىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىگە مەلۇمات بېرىشنى باشلىغان.