ئامېرىكادىكى «ۋوگ سودا تەمىنلەش زەنجىرى» ناملىق مودا كىيىم تور بېكىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتايدىكى نۇرغۇن مودا كىيىم شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ قانۇن چىقىرىپ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتقان. بۇ تەكشۈرگۈچىلەردە خىتاي مودا كىيىم شىركەتلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى چوڭ ئىختىلاپقا سەۋەب بولغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان بۇ قانۇننى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋالدىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن راست خەۋىرى يوقمۇ، دىگەن گۇماننى قوزغىغان. «ۋوگ سودا تەمىنلەش زەنجىرى» تورىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ماركىلىرىغا كۆرۈنەرلىك خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ئىجرا قىلىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 250 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن خالىي بولۇش ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. «ۋوگ» نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ سودا گۇرۇپپىسى خىتايدىكى 10 چوڭ مودا كىيىم بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت ئىككىسىلا ئامېرىكانىڭ قانۇن چىقىرىپ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ مودا كىيىم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان گۇاڭجۇدىكى بىر شىركەت ئامېرىكادىكى يەتتە چوڭ خېرىدارىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بۇ چەكلىمىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكاغا زاكاس مال ئەۋەتكەنلىكى، بۇ ماللار خىتاي پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئالاقىلاشقان پەقەت بىر شىركەتلا ئامېرىكادىكى خېرىدارلىرىنى ئالاقىدار ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن سودا مەشغۇلاتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتقان. دوكلاتتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، «شىركەتلەرنىڭ بۇ قانۇنغا قانچىلىك جىددىي قارىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى قانداق تەدبىقلىشى، ئۇنى قانچىلىك قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا باغلىق،» ئىكەن.