پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي يۇمتال شىركەتلىرىگە قارشى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ پەقەت «پات يېقىندىكى بىر مەسىلە»» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پومپېيو بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ تىكتوك توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا قىلغان. ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ پات يېقىندا تىكتوكنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن قاچان چەكلەيدىغانلىقىنىغ ئېيتمىغانىدى
2-ئاۋغۇست كۈنى يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن باشقا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىز تىك توكنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئۇنىڭغا داۋاملىق يول قويالمايمىز» دېگەن. خىتايچىدا دويىن، دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تىك توك يۇمتالى بېيجىڭدىكى «زىجيې تياۋدوڭ» ناملىق خىتاي شىركىتىگە قاراشلىق بولۇپ، مەزكۇر شىركەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان تېخنولوگىيە گۇرۇھلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانىدى. پومپېيونىڭ 2-ئاۋغۇست تەكىتلىشىچە، تىكتوك، ئۈندىدار قاتارلىق يۇمتاللار «خىتاي كومپارتىيەسىنى بىۋاسىتە سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن».
ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بېرى بۇنىڭغا يول قويۇپ كەلگەنلىكى، لېكىن ھازىر پرېزىدېنت ترامپنىڭ «بولدى يېتەر!» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، مىكروسوفت شىركىتى «زىجيې تياۋدوڭ» بىلەن تىكتوكنى سېتىۋېلىشنى سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن. لېكىن، پرېزىدېنت ترامپنىڭ سېزىدىن كېيىن بۇ سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغان. تىكتوك چەتئەلدىكى ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى خىتايغا يوللاپ، خىتايدا توپلاۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى كەلگۈسىدە شۇ شەخسلەرگە قارشى ئىشلىتىشى مۈمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كەلدى.