خىتاي تەكلىماكاندا تەيۋەن ۋە ئامېرىكانىڭ گۇئام ئارىلىنى نىشان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى مەشقى ئېلىپ بارغان
2022.05.13
يېقىندا بايقالغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى خىتاينىڭ تەكلىماكاندا تەيۋەن ۋە ئامېرىكانىڭ گۇئام ئارىلىدىكى دېڭىز ئارمىيە پورتى ۋە چوڭ-كىچىك ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مودېلىنى ياساپ، ئۇنىڭغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەشقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەركىتى ئامېرىكا خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان بىر ۋاقىتتا ئاشكارلىپ، دىققەت قوزغىغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 12-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىزچىلار تەكلىماكاندىكى تەقلىد قىلىپ ياسالغان ھۇجۇم نىشانلىرىغا ئائىت سۈرەتلەر خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كىرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشكەن.
خەۋەردە يەنە تەكلىماكاندىكى تەقلىد قىلىپ ياسالغان ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرى، تەيۋەننىڭ شەرقىي-شىمالىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ مودېلى ئىكەنلىكى، توقۇنۇشتا بۇ بازا خىتاينىڭ ھالقىلىق ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىدىن ئاشكارلكىنىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەكلىماكاندىكى تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نىشانلار ئارقىلىق، چوڭ تىپلىق ئاۋىياماتكىدىن تارتىپ كىچىك تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىغىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىشنى مەشق قىلغان.
خەۋەردە، تەيۋەن دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىدىكى بەزى سابىق يېتەكچىلەرنىڭ «مودېل ۋە مەشق ئەھۋالى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش پاتاخوتلىرىنىڭ YJ-21 تىپلىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى گۇئام دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە (تەيۋەننىڭ) سۇئاۋ ھەربىي بازىسىدىكى نىشانلارغا نەق تەگكۈزۈشنى مەشق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكاندا ئامېرىكا ئۇرۇش باراخوتلىرىنىڭ مودېلىنى ياساپ، ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم مەشقى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارلىنىشى ئەمەس. ئۇنىڭ بۇ خىل مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن ئۆتكەن يىلىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى.