تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، تەتقىقات ئورنى ۋە ئاقىللار ئامبارلىرىغا ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى ھەرىكىتى» نى ئاقلاشنى كۈچەيتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 22-فېۋرال توردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.
خىتاي مەركىزى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئۈندىداردا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، «جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسى» دېگەن تېمىدىكى بۇ تور يىغىنىغا 80 دەك دۆلەتتىكى 200 گە يېقىن چەتئەل سىياسىي پارتىيەسى، تەتقىقات ئورنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئاقىللار ئامبىرىدىن 300 دەك كىشى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇچۇردا يىغىنغا قاتناشقان بۇ سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار، تەتقىقات ئورنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى، قايسى دولەتلەردە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ يىغىننىڭ دەل كانادا پارلامېنتى 22-فېۋرال قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.
ئۇچۇردا، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلەشتەك ھەقىقى ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارادا ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەرىكىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.