خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانا بىناسى مىناميوت زەربىسىگە ئۇچرىدى


2013.09.30

خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانا بىناسى بۈگۈن ئىسيانچىلار ھۇجۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. رويترىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىسيانچىلار ئاتقان بىر مىناميوت دەمەشىقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىغا توغرا كېلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرى چېقىلغان؛ ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىدىن بىرى يېنىك يارىلانغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ ۋەقەدىن چۆچىگەنلىكىنى ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دەمەشىقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەل مالىكى دەپ ئاتىلىدىغان ئاھالىلەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايونغا جايلاشقان ئىراق ئەلچىخانىسى بىلەن رۇسىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەپتىلەردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئىسيان باشلانغاندىن بۇيان بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىنى ياقىلاپ كېلىشى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەشەر ئەساد ھاكىمىيىتىگە ھەربىي جازا قوللىنىشىنى توسۇپ كېلىشى، سۈرىيەدە توختاۋسىز قان ئېقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ۋە ئىسيانچى قوشۇن ۋە تەرەپتارلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.