بۈگۈن سۈرىيە خەۋەرلىرى ۋە يېرۇسالېم جامائەت ئىشلىرى مەركىزى خەۋەر تورىدا خىتاينىڭ «كېچە يولۋاسلىرى» ناملىق بىر ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا سۈرىيەگە يېتىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەرلەردە ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بەك كۆپ مەلۇمات بېرىلمىگەن، پەقەت لىۋاندىكى ئال-مايادەەن تور بېتى ۋە ئۇنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئالاھىدە ئەترىتى بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تارتو پورتىغا چۈشكەن.
«يېرۇسالېم جامائەت ئىشلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قوشۇنى سۈرىيەدىكى ئەسەد رېجىمىغا قارشى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.
يېرۇسالىمنىڭ بۇ خەۋىرىدە «ئۇيغۇر بۆلگۈچىلىرى شەكىللەندۈرۈگەن ۋەتىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكەت ئېقىمىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ۋە ئۇيغۇر رايونىدا زوراۋانلىق شەكلىدىكى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، بۆلگۈنچىلىك خاھىشلىرىنى پەسەيتىشنىڭ كويىغا چۈشتى،» دېيىلگەن. خەۋەردە سۈرىيەدە 5000 چە ئۇيغۇر بار دەپ قارىلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ سۈرىيەدە ھەر خىل گۇرۇپپىلاردا سەپ تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن
خەۋەردە يەنە «يېڭى ئامېرىكا» تەتقىقات تورىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا غەلىبە قىلالمىغانلىقى، خىتاي قوللانغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەندىن باشقا، ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىشىغىمۇ تۈرتكە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا چەتئەللىك جەڭچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپىنچىسىنىڭ يېنىدا ئائىلە-بالا چاقىسى بارلىقى، شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن ماسلىشىپ ياشاۋاتقانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.