خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھۇجۇملىرى بېلگىيەگە يامرىغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بېلگىيە تور بوشلۇقىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئ‍سى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) نىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماي بېسىپ يېتىۋېلىشى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار ساختا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تور بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىشى بۇنى تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە چىقارغان.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «ئاپاچى» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېلگىيە تورداشلىرى يېقىندىن بۇيان YouTube نى ئېچىپ «شىنجاڭ» دەپ ئىزدىگەندە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «غەمخورلۇقلىرى» تېما قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ يېغىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىيۇل ئېيىدىكى ئىزدەش نەتىجىسى ئاساسىي جەھەتتىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شى جىپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېلگىيە پارلامېنتى 2021-يىلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنىڭ تور بوشلۇقىنى بېسىپ كېتىشى بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە تورداشلىرى «گوگۇل خەۋەرلىرى» دىمۇ «شىنجاڭ» دەپ ئىزدىگەندە ئوخشاپ كېتىدىغان نەتىجىلەرنىڭ كۆرۈنىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يالغانچىلىقتا ئەيىبلىگەن سىن ماتېرىياللىرىنىڭ بەكلا كۆپلۈكىنى بايقىغان. ئۇلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بېلگىيەدە بۇ قەدەر كەڭ يېيىلغان خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ سەل چاغلاشقا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تېزدىن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.