خىتاي تاراتقۇلىرى چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا
2024.07.29
خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
«شىنخۇا تورى» 27- ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان مىسىر «ئەلقاھىرە خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مازېن ئىسلام «شىنخۇا تورى» غا سۆز قىلىپ «شىنجاڭغا قىلغان ئىككى قېتىملىق زىيارىتىم جەريانىدا كۆرگەن تەرەققىيات، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە گۈللىنىشتىن قاتتىق ھەيران قالدىم… بۇ تەرەققىياتلار غەربنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتالمىش ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مازېن ئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: «غەرب تاراتقۇلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداق گەپلىرى ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بەزى غەرب تاراتقۇلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما بۇ ئاتالمىش لاگېرلار ئەمەلىيەتتە كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركىزى. شىنجاڭ ئەمەلدارلىرى ئېنىقلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى يوقىتىش تەدبىرلىرى» دېگەن.
«شىنخۇا تورى» بۇ خەۋەرنى ئىنگلىزچە تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ مىسىرلىق مۇخبىرنىڭ زاۋۇت- كارخانىلاردا ھەمدە مەسچىتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خېلىدىن بېرى ئۆزىگە دوستانە دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە دىپلوماتلىرىدىن تەركىب تاپقان ئاتالمىش زىيارەتچىلەرنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەشكىللىگەن ساياھەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە؛ ئەمما دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەركىن ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل، چەكلىمىسىز، توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشتىن ئىزچىل چەكلەپ كەلمەكتە.