سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيمىس جونېس خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ جىددىي تەھدىت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جېيمىس جونېسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆز پىلانىغا بولغان چۈشەنچىسى «ناھايىتى ئېنىق» بولۇپ، ئامېرىكا بۇنىڭغا «ناھايىتى جىددىي» قارىشى كېرەك ئىكەن. جېيمىز جونېس بۇ سۆزلەرنى 12-يانۋار كۈنى ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى ئېنېرگىيە مۇنبىرى» يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاينىڭ پىلانلىرىنىڭ بىرىنىڭ «تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ھەيران قالارلىق ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جېيمىس جونېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسى ئارقىلىق پۇقرالىرىغا نومۇر قويۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى، يۆتكىلىشى ۋە ھەرقانداق ھەرىكىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي يەنە «تروۋا ئېتى» ئىستراتېگىيەسىنى ئىشلىتىپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۆز تەسىرىنى تىكلىمەكتە ئىكەن. جېيمىس جونېس «ئۇلار ئىقتىسادقا سىڭىپ كىرىپ، سېتىۋالالايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل بەدەللەرنى ئۆتىمەكتە. . . . بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ گېلىدىن بوغۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇرماقتا» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكانىڭ تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
جېيمىس جونېسنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا-خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشنىڭ ئالدىدا قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكا-خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى 15-يانۋار ئاق سارايدا ئىمزالىنىدۇ. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى بىر ئاز پەسەيگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ھالقىلىق ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى لايتېزېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت كاپىتالىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك شىركەت سېتىۋېلىشتەك «ئەسەبىيلەرچە ھەرىكىتى» «ناھايىتى زور خىرىس» پەيدا قىلماقتىكەن.