خىتاي ھۆكۈمىتى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىشىگە ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.09

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» 3-فېۋرال كۈنى ئ‍ۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېر سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ساھىبخانىلىقىدا بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاتقانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ ياۋروپا شۆبىسىنىڭ باشلىقى چېن ۋېيخۇا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مۇزېيغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىپ «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيىغا نومۇس! ئەينى ۋاقىتتا 30 مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدىي شاڭخەيدە پاناھلىققا ئېرىشكەن. سىلەر بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن بىزدىن مىننەتدار بولمامسىلەر؟» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن ۋېيخۇا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولسىمۇ دائىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاغزىنى بۇزۇپ ئادەم تىللاش بىلەن «داڭ» چىقارغانىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مارشا بلاكبۇرن خانىم 2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىش ھەققىدىكى قارارىنى ئالقىشلاپ «پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتى ماختاشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن چېن ۋېيخۇا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تىۋېتتېردا ئاغزىنى سەت گەپلەر بىلىەن بۇزپ تىللايدىغان سۆزلەرنى يازغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.