سېناتور تېد كىرۇز: «خىتاي-ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى تېد كىرۇز 2-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سادىق جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ چوقۇم بۇ شىركەتنى ئۆزىنىڭ كۆزىتىش ۋە دىققەت قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىر كۈچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت تەدبىرىنى ئېلىشىمىز كېرەك: بىرىنچى، ئۆزىمىزنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇزغۇنچلىقىدىن قوغدىشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى، مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىمىزنىڭ تەمىنلەش لىنىيەسىدىن خىتاينى ئايرىپ تاشلىشىمز ۋە ئۇلارنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك؛ ئۈچىنچى، بارلىق سودا-سانائەتلىرىمىزنى خىتاينىڭ سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق، ئۆلتۈرۈش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئارىلىشىپ قىلىشتىن ساقلىشىمىز كېرەك؛ تۆتىنچى، دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتكە تاييارلىنىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كىرۇز ئىزچىل ھالدا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى. «بىر ئامېرىكا» خەۋەر تورىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى لىز ۋېلىر ئۆز پىروگراممىسىدا تېد كىرۇزنى «جىگەرلىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.