ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.15

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندىز (Bob Menendez)، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسى گراھام (Lindsey Graham) باشچىلىقىدىكى دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرى ئۆمىكى 14-ئاپرېل كۈنى تەيۋەنگە كېلىپ، 2 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرى ئۆمىكى 14-ئاپرېل كۈنى كەچتە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. خىتاي ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى جۈمە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئامېرىكا تەيۋەنگە خاتا ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ، دېگەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيو ئالدىنقى ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندا، تەيۋەننى مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرگەنىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيەنى قوللاۋاتقان خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان؛ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىماي ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.