ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىتلىكىنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-08-05
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتى 4-ئاۋغۇست كۈنى بىر ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«دۆلەت مەجلىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ھالقىلىق ئورگانلارغا قارىتىۋاتقان تور ھۇجۇملىرى، ئامېرىكانىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدە قىلىۋاتقان ئوغرىلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئالاھىدە توختالغان.

كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر بولسا سۆزىدە ئامېرىكا جامائىتىنىڭ بۇ تەھدىتتىن خەۋىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ «ئادەتتە ئىستىخبارات كومىتېتى ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچمايدۇ، ئەمما مۇئاۋىن رەئىسىمىز ماركو رۇبىيو ۋە مەن بولۇۋاتقانلاردىن ئامېرىكا جامائىتىنىڭ خەۋىرى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن.

ماركو رۇبىئو بولسا خىتاينىڭ ھەر ساھەدە ئامېرىكانى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئاللىقاچان بىر تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دۆلەتلىك جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى (NCSC) نىڭ سابىق مۇدىرى، ۋە ئېۋانىنا گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋىليام ئېۋانىنامۇ گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە پەقەت 2020-يىلىلا خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللاردىن 600 مىليارد دوللارغىچە بىلىم مۈلك ھوقۇقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «بۈگۈنكى تېما. . . مەۋجۇتلۇق تەھدىتى، ئۇ دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ زىيانلىق، ئەڭ مۇتىھەملەرچە ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتتۇر» دەپ سۈپەتلىگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يىغىندا ئامېرىكانىڭ چوقۇم دەرھال ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى، بولۇپمۇ تېخنىكا ۋە مۇداپىئەدە كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت