ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى

ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتىكەن. يىغىندا ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان بىلەن ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئالىم ئوسمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر مەن ۋەتەندىكى خەلقىم ئۈچۈن سۆز قىلسام ۋەتەندە قالغان ئائىلەمنىڭ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. سۆزلىمەي دېسەم، ئۆزۈمنى ئەركىن بىر دۆلەتتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈن ساقلاپ قويغاندەك گۇناھكار ھېس قىلىمەن» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق ھېسسىيات» ئىكەن.

يىغىندا رامىلە چانىشېف، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇرنى كونترول قىلىشى قورقۇنچلۇق سۈرئەتتە كۈچەيگەنلىكى»، نۆۋەتتە «كىشىلەرنىڭ جازالىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئائىلىسىگە تېلېفونمۇ قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق ۋىزىسى بېرىشنى تېزلىتىشى، ئۇيغۇر ئىشلىرىغا قارايدىغان مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە سودا كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان.