خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتا
2024.12.17
«فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرىدىن كارلوس گىمېنېز (Carlos Gimenez) خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «ماداراچىلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچ بىلەن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كارلوسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر تور ھۇجۇمىدىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ دۈشمەن» بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ۋە ھەربىي تەييارلىق ئەشيالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى كۆلەم جەھەتتە خىتايغا يەتمەيدىغانلىقى، ناۋادا ئىككى تەرەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا كىرىپ قالسا ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇپ قالىدىغانلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ساناپ كېلىپ، «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىمىزنىڭ جىق تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى» دېگەن.
گىمېنېزنىڭ قارىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەت دەل مۇشۇ ئاجىزلىقنى تۈگىتىشكە زېھىن قويىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ بۇ ساھەگە قاتنىشىشى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى بيۇكراتلىقنى تۈگىتىش زۆرۈر قەدەملەر ھېسابلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ئامېرىكا ئۈچۈن كىمنىڭ دۈشمەن، كىمنىڭ دوست ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قانداق ئاجىزلىقى بارلىقىنى بىلىشمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «يىللاردىن بۇيان خىتاي بىزنى جىق ئوينىتىپ كەتتى» دېگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ جەھەتتىكى خۇشاللىنارلىق يۈزلىنىشنىڭ بىرى، «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ، «خىتاي تەھدىتى» مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ پىكرى بىردەك ئىكەن. ئۇلار ئىزچىل «خىتاي بىز ئۈچۈن تەھدىت بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ تەھدىت بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.