خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتى فېدېراتسىيەسى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەزكۇر تەنھەرىكەت تۈرىدىكى مۇسابىقىلەردىن بىر يىل مۇددەت بويىچە چەكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن 3 نەپەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ كۈچلەندۈرۈش دورىسى قوللانغانلىقى مەلۇم بولغان. قايتا - قايتا ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردىن ئوخشاش نەتىجە چىقىپ، خىتاينىڭ ساختىپەزلىك ئىشلەتكەنلىكى دەلىللەنگەن. خىمىيىلىك ماددا ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئالتۇن مېدال ئالغان بۇ ئۈچ نەپەر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىسمى ساۋلېي، چېن شيېشيا ۋە ليۇ چۈنخوڭ ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2000- يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن باشلاپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە ئەڭ كۆپ مېدال قازانغان. بۇ قېتىم رىيودى جانىرودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىمۇ خىتاي 7 مېدال ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەشى ئالتۇن مېدال ئىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ھازىرغىچە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى ئىززەت ئارتىكوۋنىڭ يۇقىرىقىدەك كۈچلەندۈرۈش دورىسى قوللانغانلىقى مەلۇم بولغان ۋە ئۇنىڭ مىس مېدالى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ئىدى.