خىتاي ج خ مىنىستىرى «تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قەتئى زەربە بېرىدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقاندا پۈتكۈل خىتاي بويىچە چاقىرىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) ئورگانلىرىنىڭ تېلېۋىزور يىغىنىدا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى سۆز قىلغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 16-ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان بۇ يىغىندا جاۋ كېجى «بىز تۈرلۈك سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركەتلىرىگە قەتئى زەربە بېرىشىمىز، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق قىلمىشلىرىغا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئېغىشماستىن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم،» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى «ئەڭ دەسلەپكى بىخ ھالىتىدىلا چىڭ تۇتۇش لازىم،» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى، ئادەم ۋە ماشىنىلارنى كۆزىتىش ئاپاراتلىرى ئارقىلىق كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، قان ئەۋرىشكىسى، گېن ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلارنى كۆپلەپ توپلاۋاتقانلىقى، بۇ يىل بولسا ئۈرۈمچى مېتروسىدا كىملىك ئارقىلىق بېلەت ئېلىشنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىمىز، دېگىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىمىز دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بۇ ھادىسىلەر ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا باغلىنىشلىق بولۇپ كەلمەكتە،» دېدى.