ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش جەريانىدا تەدرىجى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەت دائىرىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقاندا خىتاي ئارتىستلارنىڭ ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئورۇنلىغۇچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىماقتا.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان ۋىدىيودا خىتاي ئارتىسلىرىنىڭ «غىجەك ئارقىلىق›ۋەتىنىم‹ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «ئىتتىپاق ۋە ئىناق» مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
مەسخىرىلىك يېرى، فىلىمدە خىتاي ئارتىسنىڭ قولىدىكى ساتار خاتا ھالدا «غىجەك» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتۇر قاھار بارات بۇنىڭ يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتايلار ئىلگىرىمۇ شىمالدىكى كۆچمەن خەلقلەرگە مەنسۇپ ‹ئەرخۇ› دېگەن سازنى قوبۇل قىلىپ، كېيينچە ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. يەنە 8-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا خاس كۆپلىگەن ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللار سۈي-تاڭ سۇلالىلىرىغا تارقىلىپ، كېيىنچە ئاشۇلارنىڭ بولۇپ كەتكەن» دېدى.