خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋە مەھەللە-كويلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-16
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمى شەھەرلەر، ئولتۇراق رايونلار، مەھەللە-كويلار ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، رايوندىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەشتە «يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقى» ھەققىدە لاپ ئۇرغان.

خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا دائىرىلەر «نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى جەريانىدا، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى» ھەققىدە جار سالغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئەمەلدارى چېن لېي تۆۋەندىكىلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن: «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى، تۇرالغۇ لايىھەلەش، ھويلا-ئارام ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ساقلاپ قېلىندى، ئۆرپ-ئادەت پائالىيەت مەركىزى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت تېمى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلدى، ئەلئارا سەنئەت يېتىشتۈرۈلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. كۆچۈرۈلگەن ئامما كېسەك ئۆيدە ئولتۇرۇش، كاڭدا ئۇخلاش، پاتقاق يولدا مېڭىش، كۆل سۈيى ئىچىش، مەشكە ئوت قالاشتەك نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى ھەم كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈردى.»

دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، خەۋەردە بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە قىرغىز ۋە تاجىك خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش» نامىدىكى بۇ بۇزۇپ-چېقىش ھەرىكىتىدە نوقتىلىق ھالدا رايوننىڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنى ئەسىرلەردىن ياشاپ كەلگەن ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ، قەدىمىي مەھەللىلەرنى، ئىمارەتلەرنى، مەسجىتلەرنى چېقىپ تۈزلىمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتىدا، «بۇنىڭدىكى ھەقىقىي مەقسەد ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئەسلىتىدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆچۈرۈش، شۇنداقلا مۇشۇ خىل ۋەيرانچىلىقنى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت