خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.30

سېرىقبۇيا ۋە بېيجىڭدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش تەدبىرلىرى يەنە كۈچەيتىلگەن مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى يۈسۈپجان مەمەتنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېيىلگەن: دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر كىشىلەرنى تېلېۋىزور كۆرۈشتىن، ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاشتىن چەكلەيدۇ ۋە كىشىلەرنى ھۆكۈمەتكە بويسۇنماسلىققا كۈشكۈرتىدۇ.

گەرچە يۈسۈپجان مەمەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن بولسىمۇ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلغان: دىنىي ئەسەبىيلەر تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەنلەرنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 16 نويابىر 9 ئۇيغۇر پىدائىينىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 خىتاي ساقچىسىنى ئولتۇرۇشى خىتاي سىياسىي سەھنىسىدىكى جىددىيلىكنى يەنە كۈچەيتكەن.

نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپلا قالماي، نوپۇزلۇق ئۇيغۇر زىيالىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.