خىتاينىڭ يېزىلاردا ئۇيغۇرلارغا «كەسپى ماھارەت ئۆگىتىش» نى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دىكى بارلىق «كۇرسانتلار» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە چىققانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن 4 يىل كېيىنمۇ، رايوندىكى يېزىلاردا ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكەن ناھىيەسى بىلەن شاڭخەينىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» يەكەن قوماندانلىق مەركىزى ھەمكارلىشىپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ دۆڭباغ، بەشكەنت قاتارلىق 11 يېزا-بازىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارىتا قۇرۇلۇش كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى باشلىغان. خەۋەرلەردە، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئاھالىلەرنىڭ «قىش پەسلىدىكى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە «كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش» ئورۇنلىرىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىكى داخېيەن بازىرىدىمۇ ئېچىلىپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر، قازاق ئاھالىلىرىگە مال دوختۇرلۇق، ساتىراشلىق، ھۆسنى تۈزەش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. «تەڭرى تاغ» تورى قاتارلىق رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىش ئارقىلىق بۇ يىل 10-ئاينىڭ باشلىرىدا داخېيەن بازىرىدىن 335 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 60 پىرسەنتى ئاياللار ئىكەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى ئورۇنلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ خەۋەر ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ما شىڭرۈي دەۋرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، ما شىڭرۈينىڭ رايوندا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ۋاقىتتا تارقالدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن يېقىنقى بىر قانچە قېتىملىق يىغىندا، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكەن ناھىيەسىدىكى قىشلىق كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى 17-دېكابىرغىچە داۋاملىشىپ، جەمئىي 16 كۇرستا 547 كىشى تەربىيەلىنىدىكەن.