خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» نى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

پەقەت قەشقەردىلا 120 مىڭچە ئادەمنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» غا قامالغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» نى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

ئۆتكەن ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە 120 مىڭدىن 800 مىڭغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەرلەر ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»، «خەلقئارا سودا ۋاقىت گېزىتى»، «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «مەركىزىي ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەردە ئارقا ئارقىدىن بېسىلغان بولسا، شىۋېتسىيە ۋە ھەتتا رۇسىيەدىن چىغىدىن بىر قىسىم تور گېزىتلىرىمۇ بۇ خەۋەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 26-يانۋار كەچقۇرۇن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا غەرب مەتبۇئاتلىرىنى «بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن قارا سۈركىدى… شىنجاڭنى ‹ئۇستى ئوچۇق تۈرمە› گە ئوخشاتتى، چېگرا سىرتىدىكى ‹شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى› تارقاتقان ئۆسەك سۆزلەرنى راست، دەپ خەۋەر تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئوبزوردا خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىپ يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوقاتتى» دەپ ماختىغان.

ھالبۇكى، ئوبزوردا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ يەنىلا ناھايىتى قاتتىق» ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان.

ئوبزوردا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇر «رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان بۇزۇپ كەلگەن ‹شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى› نىڭ بىرى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

يېقىندا «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» ئۇيغۇر رايونىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەرپا قىلىنغان تۈرمە شەكىللىك «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى» سۈرەتلىك ۋە دەلىل-ئىسپاتلىق خەۋەر قىلغان.

ئۇنىڭ ئالدىدا «بازفىد» دەپ ئاتىلىدىغان خەۋەرلەر تورى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەنلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقەتەن بىر «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» گە ئوخشاپ قالغانلىقى خەۋەر قىلغان ئىدى.

رادىيومىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، پەقەت قەشقەردىلا 120 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ قانۇنسىز قامالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئەمما ئوبزوردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرمە شەكلىدە ماڭدۇرۇلۇۋاتقان يېپىق «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى تىلغا ئالمىغان.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرقانداق بىر مۇقىمسىزلىق خاھىشلىرى مەيدانغا كەلسە ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىن كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، غەرب مەتبۇئاتلىرى ياكى چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوبزورىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.