خىتاي مىقياسىدا تارقىلىشچان نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كېتىشى ئەندىشە قوزغىغان. نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بولۇپمۇ بالىلاردا ئەڭ كۆپ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە بېيجىڭ، تىيەنجىن ۋە باشقا شىمالىي ئۆلكىلەردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەڭ زور سىغىمچانلىق چېكىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
«ھەپتىلىك خەۋەر» ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە، خىتايدا نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ بۇنداق ئەۋج ئېلىپ كېتىشى «كوۋىد يۇقۇمى قايتا يامراۋاتامدۇ» دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنداق بىر ئېھتىماللىققا تەييارلىق كۆرمەكتىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 26-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ يامرىشىغا تارقىلىشچان زۇكام، نەپەس يولى بىرىكمىسى ۋىرۇسى (RSV)، ئادېنو ۋىرۇسى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىك قوزغىغۇچىلار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ئۈرۈمچىدىمۇ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش-كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنى تارقىلىشچان نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان قىزىل ۋىرۇستىن قوغدىنىشقا ۋە ۋاكسىنا ئەملەشكە چاقىرغان.
«تەيۋەن خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، خىتايدا تارقىلىۋاتقان نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە 7 خىل كېسەل قوزغاتقۇچى ۋىرۇس سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە يۇقۇم يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.