خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى خېلى بۇرۇنلا تەتقىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان
2024.01.18
خىتايدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىلا Covid-19 نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسنى ئايرىپ، قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.
«ۋال – سىرت ژۇرنىلى» نىڭ دېيىشىچە، بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەجەللىك ۋىرۇسنىڭ تەپسىلاتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتىن ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە ئىلگىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ دۆلەت قارمىقىدىكى خىتاي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان پاتوگېن بىيولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى (Institute of Pathogen Biology) تەتقىقاتچى دوكتور لىلى رېننىڭ 2019- يىلى 28-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ۋىرۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي رەت تەرتىپىگە ئائىت بىر ماتېرىيالنى يۈكلىگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئاشكارىلانغان. ئۇ چاغدا خىتاي ئەمەلدارلىرى تېخى بۇ كېسەلنى «نامەلۇم سەۋەب» تىن پەيدا بولغان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ۋە ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتى بازىرىنى تېخى تاقىمىغانىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن بايقالغان بۇ يېڭى مەلۇمات خىتاينىڭ بۇ ئەجەللىك ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ھەققىدىكى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي 2020-يىلى 11-يانۋار كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ۋىرۇسنىڭ قۇرۇلما تەرتىپىنى ئورتاقلاشقان.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ دەسلەپكى ئىككى ھەپتىنىڭ خەلقئارادا ۋىرۇسنى چۈشىنىش، ئۇنى تىزگىنلەش، داۋالاش، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ۋە ئاخىرىدا ۋاكسىنا ئەملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماكموررىس رودجېرس باياناتىدا «بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ھەرقانداق سۆزىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغقان مەلۇماتلاردا كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتايدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمدىلىكتە يۈز پىرسەنت ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان يېڭى بىر خىل ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي تەتقىقاتچىلار « GX_P2V» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋان پانگولىندىن (pangolin)، يەنى تاغ تېشەردىن تېپىلغان كوۋىدقا ئوخشاش ۋىرۇسنى كلونلاپ، چاشقانلارنى يۇقۇملاندۇرغان بولۇپ، چاشقانلار 8 كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۆلگەن.