ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى كوۋىدنىڭ تارقىلىشىدا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، 24 مىليارد دوللار جازا قويغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.03.11

ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى ئاندرېۋ بەيلى (Andrew Bailey) نىڭ رەسمىي تور ھېسابىدىن بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى كوۋىد (COVID-19) نىڭ تارقىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە كوۋىد يۇقۇمىنى دۇنيادىن يوشۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن دۇنيا سەھىيە ساھەسىدە كوۋىد يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېببىي قوغدىنىش سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنىڭ كېچىككەنلىكى ھەم مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن، ئامېرىكانىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى ستىفېن ن. لىمباۋ (Stephen N. Limbaugh Jr) خىتايغا 24 مىليارد دوللار جەرىمانە قويغان. ئۇ، ئامېرىكا تېررىتورىيەسىدىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق، جازانى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىسسورى ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى بەيلېي، بۇ مىسسۇرى ئىشتاتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كوۋىد يۇقۇمىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش كۈرىشىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك غەلىبە، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلدى، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ كوۋىد تۈپەيلى كېلىپ چىققان سان-ساناقسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئىقتىسادىي زىيانلاردىكى مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ ھەر بىر تىيىنغىچە ئۈندۈرۈۋېلىشنى ئويلاشتۇق».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.