خىتاينىڭ ۋىزىنى بوشىتىش ئارقىلىق غەربلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش خىيالى ئەمەلگە ئاشمىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.09

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى ئىچىدە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىتايغا ساياھەتكە كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن قەدەم تاشلاپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ۋىزىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

بلۇمبېرگ تورىنىڭ ئەڭ يېڭى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە خىتايغا كەلگەن چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ سانى ئاز كەم 23 مىليون بولغان بولۇپ، ئۇ 2019-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەنىڭ ئاران %63 ئىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي ھازىر 38 دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا ۋىزىسىز كىرىشىگە يول قويغاندىن سىرت، 10 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن قىسقا مۆھلەت ئىچىدە خىتايغا ۋىزىسىز كىرىشكە رۇخسەت قىلىدىغان دۆلەتلەر سانىنى 54 دۆلەتكە چىقارغان. ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى ۋىزا ئالمايلا خىتايغا بارسا بولىدۇ. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي 2024-يىلى ئىچىدە خىتايغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپى ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپادىن ئەمەس، بەلكى يېقىن ئەتراپتىكى ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەنرەك دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بولغان.

خىتايدىكى «Imperial Tours» نىڭ خوجايىنى بلۇمبېرگقا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكالىق ساياھەتچىلەرنىڭ ھازىرقى سودىسىنىڭ ئاران %40 ئىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، كوۋىدتىن ئىلگىرى بولسا بۇ رەقەمنىڭ %90 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بلۇمبېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. ئۇ، خىتاينىڭ گېئو-سىياسىتى ۋە نەتىجىدە غەرب بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، غەربتە خىتاي ھەققىدىكى تونۇشنىڭ يامانلىشىشى ۋە ھەمدە چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئازايتىشىدەك بىر قاتار ئامىللارغا تۇتۇشىدىكەن.

بېيجىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ۋىزا سىياسىتى ئارقىلىق قايتىدىن غەربلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالماسلىقى خىتاي ئىقتىسادى ئەسلىدىلا قېيىن بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە مەبلەغ سېلىشقا قولايلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن ھەم شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بلۇمبېرگنىڭ تەتقىقاتچىسى باكچۇس گېزىتتىكى سۆزىدە: «خىتاينىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ۋىزىنى بىكار قىلىشى ئۇنىڭدىكى تەشۋىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بلۇمبېرگ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.