خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى تور بېكىتى قۇرۇپ، پۇقرالارنى چەتئەلنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى، «سوتسىيالىستىك سىستېمىنى ئاغدۇرۇش» قا ئۇرۇنۇشتەك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپلىك ھەرىكەتلەرنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر تور بېكىتى 15-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرىدا ئېچىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تور بېكىتىدە يەنە پۇقرالار دۆلەت خادىملىرىغا، ھەربىي ئوفىتسېرلارغا پارا بېرىش، قوراللىق ئىسيان ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىشتەك ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشقا چاقىرىلغان.
تور بېكىتى جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى ئاشكارىلىغان ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقان ۋە سېتىۋالغان گۇماندارلارنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا كونكرېت مۇكاپات سوممىسىنى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغۇچىلارغا 1500 دوللاردىن 73 مىڭ دوللارغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن مەزكۇر تور بېكىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تور بېكىتى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا نىشانلىق گۇماندارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تۇتقۇن قىلىنىشى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى ياكى ئورۇنسىز سوئال-سوراقلارغا دۇچ كېلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
تور بېكىتىدە يەنە «خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپلىك ئىش-ھەرىكەتلەردە بولغان ياكى شۇنداق ھەرىكەتلەردە بولىدۇ، دەپ قارالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ يوشۇرۇن خەۋپلىك خاھىشلار» نىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلگەن.