نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يىللىق يىغىنىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

بىر قىسىم نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يىللىق يىغىنىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاياللار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «نوبېل ئاياللىرى ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ يىغىنى بۇ يىل 13-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كەيپ توۋن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. بىراق، ئۇلار بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

دالاي لاما جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغان. بۇ، جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرىنىڭ 5 يىل ئىچىدە دالاي لامانىڭ ۋىزا تەلىپىنى 3-قېتىم رەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.