يۈننەندە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

بۈگۈن يۈننەننىڭ پۇنىڭ ناھىيىسىدىكى بىر كەنتتە ئاھالىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ۋەقە چىققان كەنتتە بىر ساياھەت رايونى بەرپا قىلماقچى بولغان؛ بۇ پىلانغا نارازى بولغان بىر تۈركۈم ئاھالىلەرگە ۋاكالىتەن ئەرز سۇنۇۋاتقان كەنتتىكى ئىككى نەپەر ئادۋوكات ئالدىنقى كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇنىڭغا نارازى بولغان ئاھالىلەردىن 200گە يېقىن كىشى تۈنۈگۈن مەزكۇر كەنتكە خىزمەت ئۈچۈن كەلگەن 10 نەچچە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنى قورشىۋېلىپ گۆرۈگە ئېلىۋالغان ۋە تۇتۇلغان ئىككى ئادۋوكاتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئاھالىلەر گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان؛ توقۇنۇشتا 30 نەچچە كىشى يارىلانغان ۋە 10 نەچچە ماشىنا ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن.

ئاھالىلەر بۈگۈن چۈش مەزگىلىدىلا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بەرگەن. ئوخشاش ۋەقە ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدىمۇ روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى يۈز بەرگەن. ئايكۆلدىكى ۋەقەدە ئاھالىلەر خىتاي ساقچىلىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ ئىككى نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تەرەپ 500كىشىلىك بۇ ئاممىغا قارىتا ئوق چىقىرىپ ۋەقەنى قانلىق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلغان.