خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى مالىمانچىلىقنى پەسەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا
2024.12.16
«ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان پىچاقلىق ھۇجۇم، ماشىنىلىق ھۇجۇم قاتارلىقلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى مەنبە قىلىۋاتقان بولغاچقا بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىجتىمائىي نارازىلىققا قارىتا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا زىت بولغان مەسىلىلەرنى باستۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىشىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۆپەيتىۋەتتى، دەپ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بىيۇروسى پۇقرالاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي داۋالغۇشنىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭدەك، ئەمەلدارلارنى «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» مەقسىتى بىلەن «خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» قا بۇيرۇغان.
خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بېسىملار، شۇنىڭدەك خىتايدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك ۋە تۈرلۈك قاتىللىق ۋەقەلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتە دونالد ترامپنىڭ يېڭى كابېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا مۇرەسسە قىلمايدىغان قاتتىق قول سىياسەتچىلەردىن تەشكىل تېپىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك «سودا ئۇرۇشى» نىڭ تېخىمۇ قاتتىق شەكىلدە باشلىنىش ئېھتىماللىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭ ساراسىمىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.