بۈگۈن رويتېرس قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ بورتالا ۋىلايىتىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئايالى ۋە بالىسىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سوتقا تارتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەمەلدار گو شياڭيى ئەسلىدە پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بىر قىسىم ئەۋزەل ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئايال ۋە بالىسىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئۆزگەرتكەنلىكى پاش بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل ئاخباراتلىرى بۇ خەۋەرنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارىخورلۇققا ئالاقىدار بىر دوكلاتىغا ئاساسلىنىپ تارقاتقان، ئەمما دوكلاتتا پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئۆزىنىڭ، ئايال ۋە بالىسىنىڭ ئەسلى مىللىي كىملىكى بىلدۈرۈلمىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بورتالادا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن موڭغۇللارنىڭ كۆپلۈكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئايال ۋە بالىسىنىڭ كىملىكىنى موڭغۇلغا ئۆزگەرتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىگەن.