خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىدىغان بىر قانۇن ماقۇللىغان

خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئاخىرلاشقان 11-مارت كۈنى خىتاينىڭ بىر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى (گوۋۇيۈەن) نى كونترول قىلىش ھوقۇقى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ لى چياڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ 30 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئىش ئىكەن.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇلغان بۇ «دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى تەشكىلى قانۇنى» مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى يولغا قويغان يېڭى تەدبىرلىرى ئاساسەن دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھازىرقى باش مىنىستىر لى چياڭ پەقەت ھۆكۈمەتتىكى 21 مىنىستىرلىق ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارانچۇق قىلىپ قويۇلغان. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ «دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى تەشكىلى قانۇنى» 1982-يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەڭ كۆپ ھوقۇق بېرىلگەن قانۇن ھېسابلىنىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت پارتىيەگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن بۇ قانۇننىڭ نىزامنامىسىدە، دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ نوپۇزى ۋە بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقى، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى، دىپلوماتىيەدىن تارتىپ مەدەنىيەت ساھەلىرىگىچە بۇ ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.