خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى تەشۋىقات پائالىيىتى» نى قانات يايدۇرغان.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ھەرىكەت ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردا ئومۇمىييۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «كەڭ ئاممىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈلدى،» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: «بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىدە كىشىلەرگە ئاساسىي قانۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملار زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىندى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەيدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.»
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا دۆلەت خەۋپسزلىكىنى قوغداش تەربىيەسى يۈرگۈزۈشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا قېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونترولىنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسىنى نامايەن قىلىدىكەن.