خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئوبرازى» نى قايتا تىكلەش ئۈچۈن «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» ناملىق تور سۇپىسى قۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.13

غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2025-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا قارىتىلغان خەلقئارا تەنقىدلەرنى باستۇرۇپ، «شىنجاڭ ئوبرازنى قايتا تىكلەش» نىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە مەخسۇس «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» تەسىس قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. يەنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى دۇنياغا قاراتقان ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەشۋىقاتى ئۈرۈمچىنى بازا قىلغان «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» ئارقىلىق بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

«خىتاي ئاخبارات قۇرۇلۇشى» ناملىق ئاخبارات تۈرىنىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ رايوندىكى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتىلغان تەنقىدى مۇھىتنى تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت بۇ رايوننىڭ سەلبىي ئوبرازىنى ياخشىلاش يولىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىڭ پەقەت بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ مەركەز «شىنجاڭنىڭ تاشقى دۇنياغا ئېچىلغان رەسمىي كۆزنىكى» بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «كۆپ شەكىل ۋە كۆپ خىل قاناللار ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتكە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى 28 ئۆلكە ۋە شەھەردە تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇشى ھەم تەشۋىقات سۇپىسى قىلىنىشى، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ رايوننى «ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك ياشاۋاتقان نورمال بىر جەمئىيەت» قىلىپ پەردازلاش يولىدىكى تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك، دەپ قارالماقتا.

«خىتاي ئاخبارات قۇرۇلۇشى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ تەشۋىقاتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدىلىكتە بۇ رايوندا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نى كۆرۈنۈش قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي قانداق بىر ۋاسىتە قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ رايون خەلقئاراغا ب د ت نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىۋاتىدۇ» دېگەن دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تونۇلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «مەركەز» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ كونتروللۇقىدىكى «شىنجاڭ ئاخبارات گۇرۇھى» نىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. «شىنجاڭ ئاخبارات گۇرۇھى» بولسا رايوندىكى گېزىت-ژۇرناللار، تور بېكەتلىرى ۋە بىر تور سۇپىسىنى كونترول قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.