ياپونىيە خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە ئارىلىغا يېقىنلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.01.15

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى خىتاي يادرو سۇ ئاستا پاراخوتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى ياپونىيە ئاراللىرىغا يېقىنلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ «شاڭ» ناملىق بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغان.

روتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسونورى ئونودېرا دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا مىزانلارغا خىلاپ،» دېگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېنسۇكى سۇگىياما خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇاغا تېلېفون قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ياپونىيەنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينى 2‏-قېتىم ئۇنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىش ياكى ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاراللارغا يېقىنلىشىش بىلەن تەنقىد قىلىشىدۇر. ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر قانچە چارلاش پاراخوتى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىنلاشقان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ سېكرېتارى يۇشىخىدې سۇگا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يۇشىخىدې سۇگا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە،» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياپونىيە ئاراللىرىغا يېقىنلىشىشى ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ۋەدىلەشكەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ دۈشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقانلىقىغا دائىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلىغىنى، بىراق ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئاراللارنى «دياۋيۈ ئارللىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.